كېلىشىمگە ئاساسەن ھەر ئىككى تەرەپ يادرو قوراللىرى ئوق ئۇچىنى ئايرىم - ئايرىم 1500 گە كېمەيتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە تەرەپ ئوباما ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكىنىڭ ياۋروپادا تەرەققى قىلدۇرماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان يادرو قوراللىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى پىلانىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بىراق ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ كرېمىل سارىيىدا ئۇچرىشىپ، قىزغىن سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
بۇلاردىن سىرت، ئافغانىستان بىلەن ئىران مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز- ئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشمۇ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم تېما ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
