ئوباما رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا پۇتىننىڭ بىر پۇتى يەنىلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە توختاپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. پۇتىن، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا رۇسىيە خەلقى ئىككى پۇتىدا مۇستەھكەم تۇرغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پات يېقىندا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدىغان ئوباما يەنە مۇنداق دېگەن: "رۇسىيە شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قوللىنىۋاتقان 'سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇسۇلى' نىڭ ۋاقتى ئۆتتى." ئوباما بىلەن پۇتىن ئارىسىدىكى ئىختىلاپ پرېزىدېنت ئوباما 6 - چىسلا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت مىسۋىدىۋ ۋە باش مىنىستىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
شۇ كۈنى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىن ئېچىپ، ناتسىستلار گېرمانىيىسى ۋە ستالىن دەۋرىدە ئۆلگەن قۇربانلارنى خاتىرىلەيدىغان مەخسۇس خاتىرە كۈن تەسىس قىلىشنى ماقۇللىغان ئىدى. قارارنامىدە ستالىن دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ناتسىستلار گېرمانىيىسى ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەر بولۇپ، ياۋروپادا ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن. رۇسىيە ۋەكىلى بولسا يىغىندىن غەزەپ بىلەن چېكىنىپ چىققان.
