خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئوباما بىلەن مېدۋېدېۋ ئىستراتېگىيىلىك قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمىنى يېڭىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويۇشى مۇمكىن شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىگە ئائىت ئىختىلاپلار ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى ھەمدە ئىران، شىمالىي كورىيە، ئافغانىستان مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قاتارىغا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئوبامانىڭ زىيارىتىگە ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئۇنىڭ ئالدىدا رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە سوغۇقچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان ئامىلنىڭ ئاساسلىقى باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى بۇ سوغۇقچىلىقنى رۇسىيە تەرەپنىڭ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى دەپ تەرىپلىگەنلىكى مەلۇم.
