ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ 'شىمالى كورىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى داۋراڭلىرى ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە. بىز ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرمايمىز' دەپ جاكارلىدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسىمۇ 'شىمالى كورىيە ھازىر خاتا يولغا قاراپ يەنە بىر چوڭ قەدەم باستى' دەپ كۆرسەتتى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيە تۈنۈگۈن يەنە ب د ت نىڭ يادرو قوراللارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە قارىتا قوغلاش بۇيرۇقى چىقارغاندىن، ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە بايان ئېلان قىلىپ، شىمالى كورىيىنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە دەرھال قايتىپ كېلىشكە چاقىردى.
"ئەمما ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە باش بولۇۋاتقان خىتاي يىللاردىن بۇيان. - دەپ بايان قىلىنىدۇ ب ب س نىڭ ئوبزورىدا. - ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان يىللاردىن بۇيان. كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەسىلىسىدە غۇۋا ئىنكاس قايتۇرۇپ. قىلغان گېپى بىلەن ھەرىكىتى بىر يەردىن چىقماي كېلىۋاتىدۇ، بۇ، كىشىلەرگە خىتايچە تەمسىللەردىكى ئۆز ئىچىدىمۇ ئادەم ئەمەس، سىرتتىمۇ' دېگەن تەمسىلنى ئەسلەتمەكتە."
