ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تەرەققىيات پىلانىنىڭ غەرىزىگە ئېنىقلىما بېرىشنى ئۈمىد قىلدى

ئامېرىكا ئىستىراتىگيىلىك قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال كەۋىن چىلتون، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تېز راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىلتون، ئالەم بوشلۇقى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رىقابەت مەيدانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان تېز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، لېكىن بۇ خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى ئوچۇق - ئاشكارا تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى شۈ چىلياڭ، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش يەر يۈزىنى، دېڭىز ۋە ئېلېكترون دۇنياسىنى كونترول قىلىش دېمەكلىكتۇر" دېگەن. ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنىڭ يۈز بېرىشى" تارىخىي مۇقەررەرلىك" دېگەن سۆزى، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلىرىغا قارشى تۇرۇش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتامدۇ ؟ دېگەن گۇماننى قوزغىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۈي پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ھەربىي ھازىرلىقلاردىن خالى قىلىش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى رەت قىلدى.