خىتاي ئاخباراتى ئوبامانىڭ سۆزلىرىنى چالا خەۋەر قىلغان

ب ب س نىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي ئاخباراتى ئوبامانىڭ تۈنۈگۈن شاڭخەيدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم پارچىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئوبامانىڭ نۇتقىنىڭ مەزمۇنىنى چالا خەۋەر قىلغان. يەنى ئوبامانىڭ خىتاينى مەدھىيىلىگەن سۆزلىرىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنى تىلغا ئالغان پارچىلارنى چىقىرىۋەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبامانىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچكىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى يازغان ھەم شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ھاۋا كىلىمات مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئەمما، ئوبامانىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى، بولۇپمۇ تور ئۇچۇرلىرىنى چەكلىمەسلىككە دەۋەت قىلشى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى ۋە خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ ئوبامانىڭ خىتاينى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە دەۋەت قىلىپ قىلغان سۆزلىرىگە ئورۇن بەرمىگەن. پەقەت بېيجىڭدا چىقىدىغان شىنجىڭباۋ گېزىتى بۇ جەھەتتە دادىللىق قىلىپ، ئوبامانىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى خەۋەر قىلغان.

نۆۋەتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرچىلىكتە، بولۇپمۇ سىياسىي تىمىلاردىكى خەۋەرلەردە راستچىللىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلماي كېلىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئوبامانىڭ سۆزلىرىنى خەۋەر قىلىشتىمۇ راستچىل بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.