' ئوباما خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ'

پرېزىدېنت باراك ئوباما تەرىپىدىن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن تىموتي گېيتنېر، پرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ خىتاينى پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېيتنېر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پۇل - مۇئامىلە كومىتېتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندە، پرېزىدېنتنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان پۇل - مۇئامىلە سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، "پرېزىدېنت ئوباما خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ " دېدى.

پرېزىدېنت بۇش ھاكىمىيەت سورىغان 8 يىلدا خىتاينى پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. گېيتنېر يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ "زۆرۈر بولغان بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، خىتاينى پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە قىستايدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلار، گېۋيتنېرنىڭ سۆزى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل - مۇئامىلە مەسىلىسىدە ناھايىتى قاتتىق قول بولىدىغانلىقىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ساھەسىدىكى سۈركىلىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا. گېيتنېر خىتاي بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغانلىقىنى، لېكىن ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشقا كېپىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى گېيتنېرنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ "خىتاي پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت" دېگەن بايانلىرىنى رەت قىلدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا فاكس ئارقىلىق يوللىغان باياناتىدا " جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ئاتالمىش پۇل قىممىتىنى مونوپولىيە قىلىپ، خەلقئارا سودىدا پايدا ئالغان ئەمەس" دېگەن.