پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇل سىياسىتىنى كۆزىتىپ، پۇلنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سودىدا ئادالەتسىز رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشنى توساشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلە، ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تىزگىنلەپ، سودىدا ئادالەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي ئوبامانىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى جۇڭگو - ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئەمەسلىكى، دىپلوماتىك بېسىم خەلق پۇلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلىنى باراۋەرلىك ئاساسىدا مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
