ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ ئوچۇق خەت ئەل - خەت ۋە رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئاق سارايغا تاپشۇرۇلغان ھەمدە ئاق ساراي خادىمى بۇ خەتنى پرېزىدېنت ئوبامغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوچۇق خەتتە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلا ئەمەسلىكى، ئەگەردە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيىسىدە كىشىلىك ھوقۇق بولمىسا، بۇنىڭ ئوباما ئۈچۈن يەنىلا مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئوچۇق خەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ۋە قاماقتىكى مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىش، 4 - ئىيۇن تيەنەنمېن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش، دىنىي زاتلارنى زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىغا قويۇش چاقىرىلغان.
6 - ئىيۇن كۈنى ئوچۇق خەت بىلەن بىرگە ئوباما كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك شەخسلەرنىڭ ۋە ئوباما بېيجىڭغا بارغاندا كۆرۈشىدىغان زاتلارنىڭ تىزىملىكى يەتكۈزۈلگەن.
