خەۋەرلەردىن قارىغاندا، پرېزىدېنت باراك ئوباما 16 - نويابىر كۈنى كەچتە بېيجىڭغا كېلىدۇ ھەمدە بۇ يەردە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ زىيارەت جەريانىدىكى كۆرۈش كۈن تەرتىپىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيباۋ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى ۋۇ باڭگۇئو قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا ئامېرىكا ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ھەمدە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرى قاتارىغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭمۇ كىرگۈزۈلىشى ئىنسان ھوقۇقى ئەربابلىرىنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئوباما 18 - نويابىر كۈنى خىتايدىن ئايرىلىپ، جەنۇبى كورىيىگە بارىدۇ.
