پرېزىدېنت ئوباما دۆلەت زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلى، بۇ ھەپتە بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت زىيارىتىنى كېچىكتۈردى.

ئوباما بۇ ھەپتە يەنى 11 - نويابىردىن باشلاپ، ياپونىيە، سىنگاپور، خىتاي ۋە جەنۇبى كورىيىدە دۆلەت زىيارىتىدە بولماقچى ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ئاشكارىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما 12 ‏ - نويابىر پەيشەنبە كۈنى توكيوغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

بۈگۈنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوبامانىڭ تېكساس شتاتىدىكى فورت خۇد ھەربىي بازىسىدا 10 - نويابىر ئېلىپ بېرىلىدىغان دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى، شۇ تۈپەيلى ئاسىياغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ بىر كۈن كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوتكەن ھەپتە، تېكساس شتاتىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى - فورت خۇد ھەربىي بازىسىدا ئېتىشىش يۈز بەرگەن. ئېتىشىشتا 13 ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە 30 غا يېقىن ھەربىي خادىم يارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەسكەرلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغۇچى مەزكۇر بازىدىكى ئامېرىكا مايورى نىدال مالىك ھەسەن بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندا يارىلىنىپ قولغا چۈشكەن.