كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوباما خىتايدا ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزۈتىۋاتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ 4 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا خىتايدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى ۋە دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان ئازا سانلىق كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە ئادەمنىڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ' دەپ كۆرسەتكەن.

پرېزىدېنت ئوباما، شاڭخەيدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئەمما خىتايدا ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىنىڭ تېخى نەتىجىسى كۆرۈنمىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى لىئونارد، 'خىتاي رەھبەرلىرى ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىد يوق، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۆزىگە تەھدىت بولىدىغان مەسىلە دەپ قارايدۇ' دېدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف، 'پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خۇجىنتاۋغا ئاز سانلىق مىللەت ھەققىدە قىلغان شۇ قەدەر قىسقا سۆزىمۇ، خىتاينىڭ زۇلۇمىدا تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىلھام بولدى،' دېدى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھازىر ئوباما خىتايدا ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزىتىۋاتىدۇ.