ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما توكيوغا يېتىپ كېلىپ ياپونىيە ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، 8 كۈنلۈك شەرقىي ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى يۇكىئو خاتويامانىڭ سۆھبىتى 90 مىنۇت داۋاملاشقان.

سۆھبەتتىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى يۇكىئو خاتوياما مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۈگۈنكى سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئەپەندى بىلەن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇھىم ھەمكارلىقلىرى ئۈستىدە كېڭەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياپونىيە باش ۋەزىرى يۇكىئو خاتوياما مۇخبىرلارغا، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرسىدا ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى شۇنداقلا خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى، خەلقئارا كىلىمات مەسىلىسى ھەم ئافغانىستان مەسىلىسى قاتارلىقلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن.