بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما تۈنۈگۈن ياپونىيىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئامېرىكىنى تىنج ئوكيان دۆلىتى دەپ ئاتىغان، ئۆزىنىڭ تىنج ئوكياندىكى ھاۋايى ئاراللىرىدا تۇغۇلغانلىقى، ھېندونېزىيىدە چوڭ بولغانلىقى، سىڭلىسى ھازىر خىتاي كانادا پۇقراسىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنى تىنج ئوكيانلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى، دەپ ئاتىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تىنج ئوكيان رايونىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسرتىلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ بۈگۈن 'بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا تىنجلىق، مۇقىملىق ۋە ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەمما ئوبامانىڭ ھازىرغا قەدەر، خىتاي بىلەن بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنى تەڭ ئورۇندا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى رىئال ئەھۋال' دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ئەرتىدىن باشلاپ سېنگاپوردىكى ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشۇش پائالىيىگە قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ ياپونىيىدە قىلغان سۆزى بۇ رايوندا ئالقىشقا ئېرىشتى، ئەمما مېكىسكا پرېزىدېنتى بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ئۇنى تەنقىتلىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاسىيا تىنج ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەر 'خىتايمۇ ھازىر بۇ رايونغا رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ، ئەمما بۇ رايون ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ قايسى بىرىنى تاللىۋېلىشى زۆرۈر ئەمەس، ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىشنى ۋە تىنجلىقتا بىللە تۇرۇشنى خالىسىلا، بۇ رايونغا سىغىپ كېتەلەيدۇ ' دېگەن قاراشتا بولدى.
