'ئولىمپىك ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى دائىم كۆزىتىلىشى كېرەك'

باش شتابى نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئولىمپىككە ساھىبخان بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدىغان بىر مەڭگۈلۈك كۆزىتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا چاقىردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەكلىپتە، ئولىمپىككە ساھىبخان بولغان دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئولىمپىكتىن بۇرۇن ، ئولىمپىك جەريانىدا ۋە ئولىمپىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى چاقىرىقنى، يەكشەنبە كۈنى كوپېنھاگېنغا جايلاشقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ دېرىكىتورى مىنكي ۋوردېن، 2014 - يىلى رۇسىيىنىڭ سۇچى رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك يېغىنى ھەققىدە توختىلىپ، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە سۇچى ئولىمپىك تەييارلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن مۇخبىرلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ئولىمپىككە ساھىبخان بولغان دۆلەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ ئولىمپىك روھىي ۋە ئولىمپىك نىزامنامىسىگە زىت ئىكەنلىكنى ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىش ئۇچۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلگىرى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىننىڭ ئالدى - كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.