خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل نامايىشىغا ئالاقىدار 9 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى، 5 - ئىيۇل نامايىشىغا ئالاقىدار جىنايەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 9 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھالبۇكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر 9 نەپەر جاۋابكارغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە جاۋابكارلارغا ئائىلىسى بىلەن ۋىدالىشىشقىمۇ پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت باياناتچىسى خو خەنمىن، ئۆلۈم جازاسىنىڭ خىتاي ئالىي سوتىنىڭ تەستىقى بىلەن، 9 ئادەمدىن تەركىب تاپقان تۇنجى گۇرۇپپىغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئۆتكەن ئايدا بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئوت ئادەم ئولتۇرۇش ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئارتىپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى گۇرۇپپىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان كىشىلەرنىڭ 8 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئارىسىدا بىر خىتاي بار ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى گۇرۇپپا 9 كىشىنىڭ مىللەت تەركىبىنى ئاشكارىلىمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئايدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار 21 نەپەر جاۋابكار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، بۇلارنىڭ 9 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، 3 نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى ۋە قالغانلىرىغا مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالارنى بەرگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بەرگەن د ئو ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئەگەر غەرب ئەللىرى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتمىسە، خىتاينىڭ يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى ئاتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى يەنە 20 نەپەر ئادەمنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 18 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان دېگەن جىنايەتلەر بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە مەزكۇر ئېيىبكارلارنىڭ، پەقەت ئىككى نەپىرىنىڭلا خىتاي بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.