ئورخۇن توربېتىنىڭ ساھىبى تۇرسۇنجان ھېزىم 7 يىللىق كېسىلگەن

2011-03-08

ئۇيغۇر تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت نادىر ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان ئورخۇن تور بېتى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تاقىۋېتىلگەن توربەتلەردىن بىرى ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىر قانچە زىيالىينىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر توربەتنىڭ ساھىبى تۇرسۇنجان ھېزىم ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تۇرسۇنجان ھېزىم بۇ يىل 38 ياش بولۇپ، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. ئەسلىدە ئاقسۇدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان تۇرسۇنجان، نامەلۇم بىر سەۋەب تۈپەيلى، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزەتچىلىكىگە قويۇلغان. ئۇ، 2009-يىلى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئائىلىسىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن.

تۇرسۇنجان ھېزىمنى يېقىندىن تونۇغۇچىلار ئۇنىڭ تارىخ ئىلمىي بويىچە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتى ۋە كىشىلىك ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن جامائەت ئىچىدە سۆيۈلگەن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىلمىي ۋە تارىخىي مەسىلىلەردىكى ھەققانىيەتچىلىكى سەۋەبلىك، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ بۇرۇنلا دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان ھېزىم ئۈستىدىكى سوتمۇ مەخپىي يوسۇندا ئېچىلغان، سوتقا ئائىلىسى قاتناشتۇرۇلمىغان. تۇرسۇنجان ھېزىمنىڭ سوتنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان-سۇنمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئۆتكەن يىلى قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن دىيارىم توربېتىنىڭ ساھىبى دىلشات پەرھات، سوت مەيدانىدا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى، چۈنكى مەۋجۇت ئەدلىيە سىستېمىدىن ئادالەتلىك بىر ھۆكۈمنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى تەرەققىياتى ھەققىدە ئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

خىتايدىكى «ۋۇ يۇجىشياڭ» تور بېكىتى ئۆسەك سۆز تارقاتتى دېگەن باھانىدە تاقالدى

خىتايدىكى تور بەتلەر خاككىرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاي دائىرىلىرى تاقىۋېتىلگەن تور بېكەتلىرى ۋە شەخسىي بلوگلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىلىرى توردا «پىتنە - ئىغۋا» تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 16 تور بېكىتىنى تاقىغان ۋە 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان

تور بىخەتەرلىكى شىركىتى خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ «تور جاسۇسلۇق» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ئابونتلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى كۈچەيتتى

«12-مارت خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە قارشى تۇرۇش كۈنى» دە خىتاي تەنقىد قىلىندى

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئىنكاس قوزغىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە مىكروبلوگى ئېچىلدى ئەمما ئۇنىڭغا تىزىملىتىش قېيىن




 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org