خەلقئارا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈر كوماندىسى شۋېتسىيە كوماندىسىنى يەڭدى

شۋېتسىيىنىڭ يوتوبرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە غۇلجىدىن كەلگەن ئۈمىد كوماندىسى شۋېتسىيىلىك بىر كوماندا بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، رەقىبىنى ئۈستۈن نەتىجە بىلەن يەنى 0گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن يەنى 16-ئىيۇل كۈنى مۇسابىقىنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، قىسقا داۋام قىلغان ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇسابىقە رەسمىي باشلانغان. مۇراسىمدا بۇ مۇسابىقىگە 80دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 270 كوماندىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى مۇسابىقىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا 7 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ئەۋەتكەن. گۇرۇپپىدىكىلەر مۇسابىقە داۋامىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنى لەپىلدىتىپ، ئۇيغۇر كوماندىسىنىڭ ماھارىتى ۋە غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلغان. ئۈمىد پۇتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى داۋامىدا مەيداندا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقنىڭ لەپىلدىشى مۇسابىقىنى كۆزىتىۋاتقان خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنى بىئارام قىلغان ۋە ئۇلار ئۇيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ بايراق چىقىرىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ئۈمىد كوماندىسى مەيدانغا چۈشۈپ رەقىبىنى ئۈستۈن نەتىجە بىلەن يېڭىپ مەيداندىن ئايرىلغۇچە تاماشىبىنلار ساھەسىدە لەپىلدىگەن. بۇ ئەھۋال بىر قىسىم خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان.