خولبۇرۇك ئالدىنقى كۈنى كابۇلنى زىيارەت قىلىپ، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ۋە ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بىلەن ئۇچراشقان شۇنداقلا پەيشەنبە كۈنى ئىسلامئابادنى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى گېلانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، خولبۇرۇكنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىگە ئائىت دېتاللارنىڭ ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى، لېكىن قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قازاقىستاندا توختاپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، تونېر "بۇ ئۇنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىك سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشىدۇر.
بۇ رايوندىكى 3 دۆلەت ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ناھايىتى روشەنكى، 5 دۆلەتنىڭ ھەممىسى بۇ رايوندىكى ئىشلارغا چېتىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇلار بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىش پۇرسىتىنى قوغلىشىدۇ" دېگەن.
تونېر، خولبۇرۇكنىڭ كۈنتەرتىپىدە رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت مەزمۇنى ئافغانىستانغا ئۇچىدىغان ش ئا ئو ئە ت ئايروپىلانلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە توختاپ ئۆتۈش مەسىلىسىگە ئوخشاش كونكرېت تېمىلارغا چېتىلىدىغان ياكى چېتىلمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرمىغان.
