ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تور قۇرۇش تەرەققى قىلماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى كۆپ ساندىكى قىسىمى قازاقىستان، قىرغىزىستان ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ياشايدۇ. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بلوگلىرى ۋە تورلىرىنى قۇرىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيدى.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىر قاتار تورلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە " ئۇيغۇر.نارود" تورى، " ئۇيغۇرلاربىز" ۋە بېلگىيىدىن تارقىتىلىدىغان " ئۈمۈت" تورى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ.

5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، مەزكۇر تور بەتلەر ئاكتىپ خىزمەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئاساسلىقى رۇس تىلىدىكى ماتېرىياللارنى تەييارلاش ۋە تارقىتىش مەزكۇر تور بەتلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. "ئۇيغۇر نارود" تورىدا 2000 - يىللاردىن تاكى بۇ يىل 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇس تىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت نادىر ماقالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك توپلانغان.

مەزكۇر تور بەتلەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت تۈرلۈك ماقالىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رۇس تىلىدا ئوقۇيدىغان خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى مەلۇم.

رۇسىيىنىڭ سانسىپېتېربۇرگ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھەمراجان ئەپەندى بولسا، ئۆزىنىڭ شەخسىي تورىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنىڭ شەجەرىسىنى تۇرغۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان ھەمدە ئۇرۇش مەزگىلىدە يوقىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئىز دېرىكىنى تېپىش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.