كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ 18 نەپەر كىشى يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسدە قىلچىلىكمۇ ياخشىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2005 - يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى قوراللىق باستۇرغان، ۋەقەدە نۇرغۇنلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسى ئۆزبېكىستاننى كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ياۋرۇپا بىرلىكى باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئۆزبېكىستانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى.
ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئافغانىستان ئۇرۇشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئېنىرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى تۈپەيلى يېقىندا ئۆزبېكىستان بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىغان ئىدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ يىل ئاخىرىدا ئۆزبېكىستانغا قاراتقان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مەركىزى موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئابىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى ۋىتالى ئەپەندى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ: "ئۆزبېكىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئازراقمۇ ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆزبېك ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئۆزبېكىستانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يولغا قويۇش ئۆزبېك ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەمەلىي بىر تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلاتتى" دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا يوللانغان بۇ خەتكە قول قويغۇچىلار ئىچىدە ئۆزبېكىستاندىكى بىر قىسىم ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە ھازىر چەتئەللەردە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئۆزبېك دېموكراتلارمۇ بار ئىكەن.
