پالاۋ پرېزىدېنتى ئاۋستىرالىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دائىمىي تۇرالغۇ ماكان بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى

پالاۋ پرېزىدېنتى جونسېن تورىبىئوڭ ئاۋستىرالىيىنىڭ يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ۋاقتىنچە پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىمىي تۇرالغۇ ماكان بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ۋاقتىنچە پاناھلىق بەرگەن ئىدى. پالاۋ پرېزىدېنتى جونسېن تورىبىئوڭ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مەنزىلدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر جامائىتى ياشايدىغان بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ئاۋستىرالىيە بولسا بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇردىن ئۈچىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان مىشېل ستەنخىلل بولسا ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئاۋستىرالىيىنىڭ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇش ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىگە گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئىلتىماسىدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىلتىماسنى رەت قىلغان. ئانالىزچىلار ئاۋستىرالىيە دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقان ئىدى.

نۆۋەتتە 7 نەپەر ئۇيغۇر داۋاملىق گۈەنتانامودىكى لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. پرېزىدېنت ئوباما يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىدىغان تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇنغا ئىمزا قويغان ئىدى.