خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالتە ئۇيغۇر بۈگۈن 1994 - يىلى مۇستەقىل بولغان پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى توربىوڭ بىلەن بىللە، ئىسسىق بەلۋاقتىكى ئاراللارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، بۇرۇن تېلېۋىزولاردا كۆرگەن دېڭىزدا سۇ ئۈزدى ۋە بۈك -باراقسان ئورمانلىقلاردا كاۋاپ ئەتتى. تەرجىمان مەمتىمىن ئەلانىڭ ئېيتىشىچە، گۇەنتانامودا 8 يىلدەك قامىلىپ تۇرغان بۇ ئالتە ئۇيغۇر بۈگۈنكى ساياھەتنى چەكسىز ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
پالاۋ پرېزىدېنتى توبىوڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئالتە ئۇيغۇر جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېرىپ، 480 نەپەر بېنگاللىق مۇسۇلمان بىلەن بىللە ناماز ئۆتەيدىكەن. كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ يەنە، مەھەللىۋېي ئىنىستىتوتقا بېرىپ 'ئېنگىزچە يېزىش -سۆزلەش' دەرسىگە قاتنىشىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گۇەنتانامودىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ 5 ى 2006 - يىلى ئالبانىيىگە باردى، بۇ يىل 4 ى بېرمۇداغا باردى. ھازىر 6 ئۇيغۇر پالاۋغا كەلدى. گۇەنتانامودا يەنە 7 ئۇيغۇر قالدى.
