مەلۇم بولۇشىچە، پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ياپونىيىدە 4 كۈن زىيارەتتە بولىدىكەن ۋە بۇ جەرياندا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتسۇيا ئوكادا بىلەن كۆرۈشۈپ، پەلەستىن - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاتويامانىڭ پەلەستىن رەھبىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوتتۇرا شەرق رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ياپونىيە پەلەستىنگە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە ياپونىيە 1993 - يىلدىن باشلاپ پەلەستىنگە بەرگەن ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس خىروشىما شەھەر باشلىقى تاداتوشى ئاكىبانىڭ ھەمراھلىقىدا، خىروشىما خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەن كىشىلەرگە ئاتاپ گۈل چەمبىرەك قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە مەخمۇت ئابباس ياپونىيە زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبى كورىيىدە زىيارەتتە بولىدىكەن.
