خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس كونترول قىلىشنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان

ئۇيغۇر ئېلى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى %11.7 ئەتراپىدا كونترول قىلىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل دائىرىلەر مەزكۇر پىلاننى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، ئۆتكەن بىر يىلدا نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى %11.45 ئىچىدە كونترول قىلغان ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى %97 تىن ئاشۇرغان.

ئۇيغۇر ئېلى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلاتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2005 ‏ - يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى جىددىي كونترول قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشى ۋە يەرلىك نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى چەكلەشتە تۇغۇت دائىرىلىرى نوپۇسىنى كونترول قىلىشقا ئاجرىتىلىدىغان مەبلەغنى يىلسېرى كۆپەيتىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش يۇقىرى دولقۇنى يېتىپ كەلدى دەپ كۆرسىتىپ، 2025 ‏ - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس 26 مىليون 230 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ دەپ پەرەز قىلماقتا. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇغۇتنى كونترول قىلىش نىشانىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك نوپۇسىنى جىددىي ھەم قاتتىق قول ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ تىزگىنلەۋاتقان بىر پەيتتە ئەكسىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق يول ئاچماقتا.