پۇتىن خىتاي زىيارىتىنى بېيجىڭدىن باشلىدى

رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى رۇسىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خىتاي بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويۇش قاتارلق مەسىلەرگە قارىتىلىدىكەن.

پۈتىن بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ۋە چارشەنبە كۈنى خىتايدا ئېچىلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىننى بېيجىڭ ئايرودرومىدا كۈتۈۋالغان.

خەۋەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، پۇتىننىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى جەريانىدا يەنە ئىران ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.