ئامېرىكا فېدىرال سوتى بىر خىتاينى قانۇنسىز مال سېتىش ئەيىبلىدى

ئامېرىكا فېدىرال سوتى ماساچۇتېس شتاتىدىكى خۇ چياڭ ئىسىملىك خىتاينى «قانۇنسىز مال سېتىش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.

فېدىرال سوتنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن خۇ چياڭ ماساچۇتېس شتاتىدىكى مكس ئۈسكۈنە شىركىتىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئۇ خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ۋە ئۇرانلىق قوراللارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى خىتايغا قانۇنسىز ھالدا كىرگۈزگەن. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 6 يېرىم مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن.

فېدىرال سوت ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈسكۈنە پەقەت ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى بومبا ياساشتىمۇ ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، خۇ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى 2007-يىلىنىڭ بېشىدا مكس شىركىتىنىڭ بۇ مەھسۇلاتىنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق خىتايدىكى كىملىكى ئېنىقسىز كىشىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر مېھمانخانىدا قولغا ئېلىنغان. خۇنىڭ سوتى مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇ 20 يىللىق قاماق جازاسى ۋە بىر مىليون دوللار جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى مۇھىم شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان بىر قىسىم خىتاي خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكا جاسۇسلۇقى ۋە قانۇنسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنى خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.