نامايىش ئالمۇتادىكى بىر مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئۆلگەن نامايىشچىلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىشتى.
ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ژاناۋزەن نېفىت شەھىرىدە نېفىت ئىشچىلىرى نامايىش قىلىپ دائىرىلەردىن مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
قازاق پرېزىدېنتى نامايىشچىلارنى «لۈكچەكلەر» دەپ ئاتىغان. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان بولۇپ بۇ جەرياندا 16 نامايىشچى نەق مەيداندا ئۆلگەن ئىكەن.
شەنبە كۈنىدىكى نامايىشىنى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى تەشكىلات - «ئازاد» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ۋە ب د ت مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ قازاق ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى ۋە نامايىشتىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن نامايىشچىلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
