قازاقىستاندا جۈمە كۈنى سەل ئاپتى يۈز بەردى

قازاقىستاندا جۈمە كۈنى سەل ئاپتى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 30 ئادەم ئۆلگەن ۋە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەلۇم بولۇشىچە، كەلكۈن جەنۇبى قازاقىستانغا جايلاشقان ئىككى سۇ ئامبىرى تېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

سۇ ئاپىتى قازاقىستاننىڭ ئاقسۇ ۋە قاراتال رايونلىرىدا يۈز بەرگەن. ئاپەت قىشىچە ياققان قار ۋە يامغۇر مىقدارىنىڭ كوپ بولۇشى نەتىجىسىدە مەزكۇر رايوندىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنگە قەدەر سۇ ئاپىتىدە 30 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، 2500 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئالمۇتا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئىلياس بىياكمەتوۋ ئاپەتتە 60 قا يېقىن ئوينىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، كەلكۈن تالدىقورغان رايونىغىمۇ تەسىر قىلغان. نۆۋەتتە قازاق دائىرىلىرى 300 گە يېقىن قۇتقۇزغۇچى خادىمنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن.