چىڭخەيدىكى تىبەتلىكلەر نامايىش قىلدى

شەنبە كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ توڭرېن ناھىيىسىدىكى تىبەتلىكلەر تارگىيال ئىسىملىك بىر تىبەت دېھقان ئۆزىگە ئوت قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆلگەندىن كېيىن بىر قانچە مىڭ تىبەتلىك ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئاخىرى بۇ پائالىيەت نارازىلىق نامايىشىغا ئايلانغان.

بۇ ھەقتە رادىئومىز تىبەت بۆلۈمى خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ببس قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى خەۋەر تارقاتتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بىر قانچە مىڭ ئادەم نامايىش قىلىپ مېڭىپ، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، دالاي مالا قايتىپ كەلسۇن دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىشچىلارنىڭ سانىنىڭ 7000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە بۇ دەپنە مۇراسىم پائالىيىتى بولۇپ، ئاخىرى نامايىشقا ئۆزگەرگەن ئىكەن.