پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشى لازىملىقىدىكى سەۋەبنىڭ ھازىر بۇ دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان قوراللىق كىشىلەرنىڭ بارلىقى، بۇ يەردە زور قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
باقىيېۋ ھازىر ئۆزىنىڭ مەزكۇر كونا يېزىسىدا يېقىنلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇرىدىكەن. بۇ يېزىغا باقىيېۋنىڭ جەمەتى جايلاشقان. قۇرمانبېك باقىيېۋ يەنىلا ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرمىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللاش بىلەن قىرغىزىستانغا مەلۇم ساندا پاراشۇتچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى.
