خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئاق شۇڭقار پارتىيىسى باياناتچىسى، ئوز پارتىيىسىگە تەۋە ئۇچ نەپەر پائالىيەتچىنىڭ بىشكەك شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدە تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتچى يەنە، ساقچىلارنىڭ بۇ ئۈچەيلەننى تۇتۇپ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى مۇسادىرە قىلغانلىقى ۋە بۇلارنى ساقچىغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئوتكەن چارشەنبە كۈنى 3 مىڭغا يېقىن نامايىشچى بېشكەكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيىۋنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستىغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت بىشكەكتە قولغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بىلەن چېتىشلىقى بار ياكى يوقلۇقى ھازىرچە نامەلۇم.
