قىرغىزىستاننىڭ 'ئاتاماكان' پارتىيىسى پرېزىدېنتنى ئىستىپاغا چاقىردى

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە" ئاتاماكان" پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى، سابىق پارلامېنت باشلىقى ئۆمۈربېك تېكېبايېۋ پرېزىدېنتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، بايانات ئېلان قىلغان. بۇ پارتىيە باياناتىدا قىرغىزىستان ئالىي رەھبىرىنى دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك شىركەتلىرىنىڭ سېتىلىشى ھەم باشقا ئەھۋاللار بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئاتاماكان پارتىيىسى يەنە يۇقىرى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى ئىگىلىگەن پرېزىدېنتنىڭ ئوغلى ماكسىمنىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە دەۋەت قىلغان.

تېخى يېقىندا قىرغىزىستاننىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوف ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتىدىكى پۇقرالار ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇپ، نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان.

قىرغىزىستاندا 2005 - يىلىدىكى ئىنقىلاب نەتىجىسىدە پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ ۋەزىپىسىدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆكتىچى رەھبىرى باقىيېف ئىگىلىگەن شۇنىڭدەك دۆلەتتە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر توختاۋسىز ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ مۇقىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.