ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن قالغان بۇ بىرلىك رەسمىي خىزمەتلىرىنىڭ سىرتىدا يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىماتى بويىچە تۈزۈم ئۈچۈن خەۋپلىك دەپ قارالغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى تەكشۈرۈش، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى تەقىب قىلىش، يېرى كەلسە ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى.
قىرغىزىستاندا باقىيېف ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن 4 ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. بۇ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى قوللاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
