ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىدا كۆرسىتىشىچە، سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوف بۇ يىل يانۋاردا قىرغىزىستان سوتى تەرىپىدىن چېرىكلىك جىنايىتى بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ، ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى تەن ئالماي بۇلارنىڭ سىياسىي ئۆچ ئېلىشىنى مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىساقوف دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى خىزمىتىدىن بوشانغاندىن كېيىن، 2008 - يىلى قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر سېپىگە قوشۇلغان ئىكەن.
خەۋەردە كورىسىتىشىچە، 5 - مارت نامايىشچىلار ئوش شەھىرىنىڭ ئالاي رايونىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ئىساقوفنى 15 - مارتقىچە قويۇپ بېرىشىنى، ئەگەر تەلىپى قاندۇرۇلمىسا مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ ئايلا رايونىدىن بىشكەككە پىيادە يۈرۈش قىلىپ نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
