ئاز سانلىق مىللەت گۈدەكلىرىگە دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بۇ يەسلىيلەرگە ئاساسلىق خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇدىكى3 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلار مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش پىلانى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ قوش تىل يەسلىيلىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2008 - يىلى 200 مىليون يۇئەن مەبلەغ ئاجراتقان شۇنداقلا يەسلى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ 2009 - يىلى 9 - ئايغىچە ئىش تۈگىتىشىنى پىلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەتتە مەخسۇس قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن قۇمۇل، ئىلى قاتارلىق 6 ۋىلايەتتىمۇ قوش تىل يەسلىسى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ بۇلارمۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىگىچە ئىشلىتىشكە تەييار قىلىنماقچى ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ گۈدەكلىرىگىمۇ قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس بەلكى خەلقئارادىكى بالىلار تەربىيىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە قوش تىل مائارىپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. چۈنكى مۇتەخەسىسلەرنىئۇڭ ئورتاق قارشى بويىچە ئېيتقاندا، بالىلارنى توققۇز ياشتىن بۇرۇن ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا تىلدا تەربىيىلەش ئۇلارنى ئەقلى ھەمدە جىسمانىي جەھەتتىن ئوخشاشلا زەخمىگە ئۇچرىتىدىكەن.
