مېدۋېدېۋ يەنە رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بۇ يىل ۋاقتى توشىدىغان " ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇم خاراكتېرلىق قوراللارنى قىسقارتىش ۋە چەكلەش شەرتنامىسى" نىڭ ئورنىغا يېڭىدىن بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى بولۇپ، بۇ مەسىلىدە رۇسىيە ئىزچىل ئامېرىكىغا نارازى بولۇپ، بۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىد دەپ ھېسابلىغان ئىدى.
