رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىر بايان قىلغان رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوف رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلىگەن. يەكشەنبە كۈنى سېرگېي ئىۋانوف بايدىننىڭ سۆزلىرىنى ماختىغان.
مەلۇمكى، رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيلىك، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ پولشا ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، رۇسىيە تەرەپ بۇ پىلانغا ئىزچىل قارشى چىققان. مەزكۇر تالاش - تارتىش پۇتىن ۋە بۇشتىن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىككى يېڭى پرېزىدېنتلىرى مېدۋېدېۋ بىلەن ئوباماغا ئېشىپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا ۋە ئابخازىيە ھەم جەنۇبىي ئاسسېتىيە مەسىلىسىدە قەتئىي قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، كوسوۋا مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى.
رۇسىيە تەرەپ باراك ئوبامانىڭ بۇش دەۋرىدىكى رۇسىيىگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلغان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بايدىننىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ موسكۋا بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتنى ئىللىتىش سېگنالىنى بېرىشى رۇسىيە رەھبەرلىكىنى ئىلھاملاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسى مەسىلىسىدىكى پىكىرلىرىدىن يانمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشماقتا.
