خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قىسىملىرى ئەمدى ئاۋغانىستاندا ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ تۆمۈر يوللىرىدىنمۇ پايدىلىنالايدىكەن. ئامېرىكا قىسىملىرى ئۈچۈن يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ بىر كارىدور ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش كېلەر ھەپتىدە باشلىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۈگۈن موسكۋادىن ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدىۋىتېفنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى، ئوباما يېقىندا موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا، رۇسىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئاتوم قوراللىرىنىڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ھەققىدە يېڭى كېلىشىم تۈزۈلشى ۋە تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش، رايون خارەكتىرلىق توقۇنۇشلارنى بىرتەرەپ قىلىش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقۇرىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ جاكارلىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
