غالىبىيەتنىڭ 64 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

5 - ئاينىڭ 9 - كۇنى ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قازانغان مۇراسىم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ۋە بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان دۆلەتلەردە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

غالىبىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتلەردە 9 - 10 - ماي كۈنلىرى ھەربىي پارات ھەم تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. 9 - ماي كۈنى بولسا موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ھەربىي پارات ھېسابلىنىدىكەن.

موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پاراتقا رۇسىيىنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز قىسىملىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىم قاتناشقان ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگە مەنسۇپ تانكا، راكېتا، ئايروپىلان قاتارلىق ھەر خىل ئېغىر قوراللار نامايىش قىلىنغان. لېكىن، يېڭىلىق شۇكى، رۇسىيە تەرەپ بۇ قېتىمقى مەزكۇر پاراتقا رۇسىيىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى ۋە ئىلغار "س - 400" تىپلىق راكېتا سىستېمىسى قاتناشتۇرۇلغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر راكېتا سىستېمىسى نۆۋەتتە دۇنيا يۈزىدىكى ئەڭ ئىلغار قورال بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ناملىق راكېتا سىستېمىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن. بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى راكېتادىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپتا رۇسىيە تەرەپ ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئىلغار راكېتا سىستېمىسى بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنى رەسمىي نامايان قىلغان.

رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە قاتناشقان ۋە نۇتۇق سۆزلەپ، "رۇسىيە پۇقرالىرىغا قىلىنىدىغان ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق تېگىشلىك قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، رۇسىيىنىڭ كېلەچىكى تىنچلىق، مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت - سائادەتتىن ئىبارەت،" دەپ جاكارلىغان.

ئەلۋەتتە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غالىپ رەھبەرلەرنىڭ بىرى ستالىندىن باشلاپ، تاكى ھازىرغىچە بولغان 64 يىل ئىچىدە ستالىن، خرۇشېۋ، برېژنېۋ، گورباچوۋ، يېلتسىن، پۇتىن ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى مېدۋېدېۋ قاتارلىقلار ھەر يىلىدىكى غالىبىيەت كۈنىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.

1941 - يىلىدىن 1945 - يىلىغىچە بولغان تۆت يىللىق سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشى جەريانىدا 27 مىليون سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھېسابلاپ چىقىلدى. ئەمما نۆۋەتتە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، پولشا، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردە بولسا، بۇ ئۇرۇشقا باشقىچە باھا بېرىلىپ، قىزىل ئارمىيە ئازاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇز قىلغۇچىلار دەپ قارالماقتا.

قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ۋەتەن ئۇرۇشى ئاتالغۇسىغا قايتا باھا بېرىش، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرىنى بىھۇدە تۆكۈلگەن قان دەپ قاراش پىكىرلىرى مەيدانغا چىقماقتا. تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۇيغۇرلاردىن كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمگە ئەڭ ئالىي سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامى بېرىلگەن ئىدى.