ناتونىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت پىلانى 1999 - يىلى بېكىتىلگەن. ئەمما ناتو يېڭىدىن بېكىتىپ چىقىدىغان ھەرىكەت پىلانىنىڭ مەزمۇنلىرى ھازىرچە نامەلۇم.
"ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"دە كۆرسىتىشىچە، سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبرايىت خانىم يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان مىنىستىرلار ئۇچرىشىشىدا، روسىيە دائىرىلىرىنىڭ ناتونىڭ كېڭىيىش پىلانىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئالبرايىت خانىم: "ناتو سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قۇرۇلغان تەشكىلات. ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى مەۋجۇت ئەمەس. نۆۋەتتىكى ناتو بىر يېڭى ئىتتىپاقداش. شۇڭا رۇسىيىنىڭ ناتودىن ئەندىشە قىلىشى بىھاجەت. ئۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قارىشى ئالىدىغان يېڭى ئىتتىپاقداش،" دېگەن.
ناتو باش كاتىپى راسمۇسسېن يەكشەنبە كۈنى، ناتونىڭ روسىيە، ھىندىستان، خىتاي، ۋە پاكىستانلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن روسىيە دائىرىلىرى ناتوغا يەنىلا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولماقتا.
رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، ناتونىڭ ھەرىكەت پىلانى ھەققىدە توختالغان روسىيە دۇماسى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى كونستانتىن كوساچېۋ، ناتونىڭ ئالدى بىلەن دۇنياۋى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلاشنى ئۆگىنىشى لازىملىقى، ۋە رۇسىيىنىمۇ بۇ ھەقتىكى ئىشلارغا ئارىلاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ناتو روسىيە مۇناسىۋەتلىرى ئەزەلدىن جىددىي بولۇپ، روسىيە ناتونىڭ شەرققە قاراپ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنى قوشۇۋېلىش پىلانى رۇسىيىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە ئىكەن.
