رۇسىيەلىكلەر پۇتىنغا قارىشى نامايىش قىلدى

2012-02-04

شەنبە كۈنى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان رۇسىيەلىك موسكۋادا نامايىش قىلىپ، نۆۋەتتىكى رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن دەۋرىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر نامايىشقا 120 مىڭ ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دمېتري مېدۋېدېۋ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى قارا پرېزىدېنت بولغان ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ نۆۋەت ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى قىياس قىلىنماقتا.

ھالبۇكى، پۇتىننىڭ ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەرنى نارازى قىلغان. شەنبە كۈندىكى نامايىشچىلار قوللىغان «پۇتىندىن خالى رۇسىيە»، «ئەركىن سايلام» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان.

بىر نامايىشچى مەزكۇر نامايىشنىڭ رۇسىيەنىڭ تەدرىجىي دېموكراتىيىگە ئۆتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيەدە 4 - دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەر موسكۋاغا يىغىلىپ سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە سايلامدا ساختىلىق كۆرۈنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىن تەۋە سىياسىي پارتىيە غەلىبە قىلىپ رۇسىيە دۇماسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

Click here to add your own comment

ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ



 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org