رۇسىيە شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارشى قالقان سېستىمىسى ئورناتتى

رۇسىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى نىكولاي ماكاروف مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيىنىڭ شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى ھاۋا مۇداپىئە قالقان سېستىمىسى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

س-400 تىرىيۇمىف دەپ ئاتىلىدىغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار 400 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى نىشاننى بايقاش ۋە ئۇنى پارتلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، رۇسىيىنىڭ بۇرۇنقى س-300 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىدىنمۇ ئۇزاق مۇساپىگە ئىگە ئىكەن.

رىيانوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھاۋا مۇداپىئە قالقان سېستىمىسى رۇسىيىنىڭ ئۇزاق شەرق رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نىكولاي ماكاروف بۇ ھەقتە: "بىز شىمالىي كورىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ خاتالىشىپ دۆلىتىمىز تۇپراقلىرىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ سېستىمىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىز ئەمدى شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق بىر تەھدىتكە تەييارمىز،" دېگەن.

شىمالىي كورىيە بۇ يىل يانۋاردىن ئىتىبارەن شەرقىي دېڭىز ياقىلىرىدا باشقۇرىلىدىغان بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. بىر قېتىملىق سىنىقىدا سىكۇپ تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ياپون دېڭىزىغا 500 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە چۈشۈشى رۇسىيىنىمۇ ئەندىشىگە سالغان ئىدى. چۈنكى شىمالىي كورىيىنىڭ سىناق رايونلىرى رۇسىيە چېگرىلىرىغىمۇ يېقىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال رۇسىيىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى.

ماكاروف مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورىيە يادرو بومبا سىناقلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان رايونلارنىڭ رۇسىيە چېگرىسىغا ئىنتايىن يېقىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا رۇسىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.