ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلىكتە بدت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار قوبۇل قىلىشىغا قارشى چىقىشى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق باشقا ئۈچ دائىملىق كېڭەش ئەزاسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۆتكەن يىلىمۇ بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەققىدە قارار قوبۇللىشىغا رۇسىيە ۋە خىتاي قارشى چىققان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەۋە 13 دۆلەت بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، بىراق دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي قوللىمىغانلىقتىن مەزكۇر قارار قوبۇل قىلىنماي قالغان.
رۇسىيە قارارنامىنىڭ بىر قانچە جايلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئەرەب بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇنى قوبۇل قىلمىغان ئىدى.
ب د ت باش سېكرىتارى بان كىمون مەزكۇر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنماي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
