رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان بۇ ئاي ئىچىدە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ تاجىكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فېردۇن مەھمەدئەلىيېۋ بۇ نۆۋەتلىك نامايىشنىڭ بۇ يىل 17 - ئاپرېلدىن 19 - ئاپرېلغىچە تاجىكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە مانېۋىرنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ " خەلقئارالىق تېررورلۇق، سىياسىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مانېۋىرغا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھەربىي دائىرىلىرىمۇ بىر قىسىم خادىملىرىنى ئەۋەتىدىكەن.

خىتاي ۋە رۇسىيىلەر ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 2001 - يىلى 15 - ئىيۇن رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، بۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقىنى تارايتىشقا باشلىغان ئىدى.