رۇسىيىنىڭ ئەتكەس قوراللىرى تاجىكىستاندا تۇتۇلۇپ قالدى

رۇسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى خىتايغا يوشۇرۇن ساتماقچى بولغان قوراللىرى بۈگۈن تاجىكىستاندا تۇتۇپ قېلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى سېرگېي فرىندىنسكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيە دائىرىلىرى بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ خىتايغا يوشۇرۇن سېتىش ئۈچۈن، سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 30 دانىنى، ھاۋا ھۇجۇمىدا قوللىنىدىغان بومبىدىن 200 دانىنى تاجىكىستانغا ئېلىپ كەلگەن. قىممىتى 18 مىليون دوللارلىق بۇ رۇسىيە قوراللىرى ھازىر تاجىكىستاندا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي 1990‏ - يىللاردىن باشلاپلا رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قورال خېرىدارى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا، رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ قورال ئەتكەسچىلىكىنى پاش قىلغان ھەر قانداق كىشىنى قولغا ئېلىپ قاتتىق جازالاپ كېلىۋاتىدۇ.

رۇسىيىنىڭ قېتىمقى قورال ئەتكەسچىلىكىنى رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ئۆزى بەلگىلىگەن ئەمەلدار پاش قىلىپ قويغان.