رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ھەمدە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىم رۇسىيە - خىتاي باش مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى " راكېتا قويۇپ بېرىش ۋە سودا ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمرالارنى مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى كېلىشىمى" دەپ ئاتالغان توختامنامىدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت بانكىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە كۆچمەنلەر تۈزۈمىگە ئائىت بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سەپىرى جەريانىدا يەنە پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئورتاق تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
پۇتىن يەنە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، رەئىس خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشىدۇ.
نۆۋەتتە، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ، كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى پۇتىن ۋەكىللىك قىلىدىغان رۇسىيىگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان رۇسىيە بىرلىكى پارتىيىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئارىسىدىمۇ ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىدىكى مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىدە بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سابىق خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خۇ جىنتاۋ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەن ئىدى. گەرچە رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنىلا پۇتىننىڭ خىتاي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا قىممىتى بۇ يىل 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
