رۇسىيە قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قولغا ئالدى

رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 22 - ئىيۇل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، چېركىزوۋىسكى بازىرى ئەتراپىدا قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان 160 نەپەر خىتاينى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بىلەن، يەنە بىر قىسىملىرى كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىنغانلار ئىكەن. موسكۋا تەرەپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئون كۈن ئىچىدە رۇسىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇندىن كېيىن چېركىزوفىسكى چوڭ بازىرىدا جۇڭگو ۋە ۋېيتنامدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە يەر بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىندا رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى چېركىزوۋىسكى بازىرىدىكى خىتاينىڭ ئەتكەس ماللىرىغا قاتتىق زەربە بەرگەن بولۇپ، باش مىنىستىر پۇتىن خىتاينىڭ 2 مىليارد دوللار قىمىتىدىكى ئەتكەس ماللىرىنىڭ بۇ بازارنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ ماللارنىڭ رۇسىيە ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋزى رادىئوسىنىڭ موسكۋادىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بازاردىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ۋەيران بولغان بەزى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ھەتتا يۇرتىغا قايتىدىغان پۇلىمۇ قالمىغان.