بۇ راي سىناش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە كۆپ ئادەم ئۆزلىرى تېلېفون قىلىپ راي ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ 77%ى رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى خىتاي دېگەن، 21% ى رۇسىيىنىڭ دۈشمىنى ئامېرىكا دېگەن.
رۇس خەلقىنىڭ دوست -دۈشمەن قارىشىدا پەيدا بولغان بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش، ھازىر رۇسىيە دائىرىلىرىنى ھەيران قالدۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تەھلىل قىلىشىچە، رۇسلاردىكى بۇنداق ئۆزگىرىش، ئېھتىمال خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كونا يولدىن ۋاز كېچىشى تېخىچە ناتايىن تۇرۇۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.
