سېبىرىيىدە خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجان سودىگەرلىرى قوراللىق توقۇنۇشتى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8‏ - ئاينىڭ 28‏ - كۈنى رۇسىيىنىڭ سېبىرىيىدىكى كراسنويارىسكى رايونىدا، خىتايلار 'جەنۇب بازىرى' دەپ ئاتىۋالغان بىر چوڭ بازاردا، خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجانلىق سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى.

رۇسىيىنىڭ كراسنويارىسكى ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جايدا خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن ئەزەربەيجانلىق سودىگەرلەر ئارىسىدا بازار تالىشىشتىن كۆپ كىشىلىك مۇشۋازلىق كېلىپ چىققانلىقىنى، ئاخىر ھەر ئىككى تەرەپ قورال چىقىرىپ ئېتىشقانلىقىنى، ئېتىشىشتا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى، ئەمما بۇ رايوندا مىللىي ئۆچمەنلىك پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ۋەقەدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىشنى رەت قىلدى.